پائالىيەتلەر

تاڭنۇرى ئوقۇغۇچىلىرى پېشقەدەملەر زىيارىتى



تاڭنۇرى ئوقۇغۇچىلىرى <پېشقەدەملەر زىيارىتى>خاتىرىسى                                                                                                            

بۈگۈن نەچچە ھەپتىدىن بېرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن زىيارىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بالدۇرلا يولغا چىقتۇق.مۇۋەپپەقىيەت قازانغان،ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىگىچە تىرىشىشنى ئۆزلىرىگە قىبلىنامە قىلغان،روھى گۈزەل ئىنسانلار ھەرۋاقىت بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە قىزىقىش ئوبىيكتىمىز بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.بۈگۈنمۇ ئەنە شۇنداق قىممەتلىك بىر ئۇستازنى  زىيارەت قىلماقچىمىز.ئەتتىگەن سائەت 11 دە ئۆزلىرىمىز كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان مىللىيچە پىشۇرۇقلار ۋە چايلىرىمىزنى ئېلىپ سۇلتانئەھمەتتىكى ئاددىي بىر بىنانىڭ   مېھرى ئىسسىق ئىشخانىسىدا پۈتۈن يۈرەك قېنى بىلەن دۇنيانى گۈزەللەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان مېھنەتكەش ئۇستازىمىز رەسسام ئورخان دايال ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.ئىشخانىغا كىرەر-كىرمەيلا خۇددى ئۆز چوڭ دادىمىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەندەك بىر ئىللىقلىق ۋۇجۇدىمىزنى چىرمىۋالدى.ئىشخانىغا تىزىۋېتىلگەن بىر-بىرىدىن گۈزەل رەسىملەر،ھۆسىنخەت ۋە نەقىش ئەسەرلىرىنى ھەيرانلىق بىلەن تەھلىل قىلدۇق.ئورخان ئۇستاز بىلەن چاي ئىچكەچ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.ئۇستاز بىزگە 74 يىللىق ھايات كەچۈرمىشلىرى،گۈزەل-سەنئەتنىڭ دۇنيا ۋە ئىنسانلاردا ياراتقان ئىستېتىك تەسىرى ۋە مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.بىزمۇ پۈتۈن دېققىتىمىز بىلەن تىڭشىغاچ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدۇق.زىيارەتنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدە ئۇستاز چېلىپ بەرگەن زىلتارنىڭ مۇڭلۇق كۈيى بىزگە دۇنيانىڭ،ھاياتنىڭ،بالىلىقنىڭ گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى.ئۇستازدىن پات يېقىندا تەكرار زىيارەتكە كېلىش ۋەدىسى بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلدۇق.قايتىشتا يولىمىز گۈلخانە باغچىسىغا چۈشتى.كۈزنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل مەنزىرىسى خۇددى ئورخان ئۇستازنىڭ رەسىملىرىدەكلا گۈزەل ئىدى.باغچىدا كۈز ئاپتىپى،ئالتۇن ياپراقلار ۋە دۇنيانىڭ ھەريېرىدىن كەلگەن،ھەر ئىرقتىكى ئىنسانلار بىلەن شاد-خورام مىنۇتلارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ،بۈگۈنكى بۇ ئۇنتۇلغۇسىز زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.رەببىمىز تېخىمۇ گۈزەل زىيارەتلەرگە ئۇلاشتۇرغاي،ئامىن