ھەققىمىزدە

تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەركىزى ھەققىدە

تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاناتىلىبولغان ئۇيغۇر تىلىمىزنى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئېھتىياجى بولغان بارلىق ئۆگەنگۈچىلەرگە ئەڭ توغرا شەكىلدە ئۆگىتىش،ئوقۇتۇش ۋە ھاياتىغا تەدبىقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا قۇرۇلغان تەربىيلەش مەركىزىدۇر.. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ،شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسىمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستان خەلقى مىللىي كىملىكىنىڭ سىمۋولى بولغان تىل، مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق بارلىق مەدەنىي بايلىقلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. بىر مىللەت ئۈچۈن كۈلتۈرىنىڭ، بولۇپمۇ تىلىنىڭ يوق قىلىنىشى- ئۇ مىللەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈلۈشكە قاراپ مېڭىشى دېگەنلىكتۇر. تارىخ بىلەن كېلەچەك ئارىسىدىكى كۆۋرۈكنىڭ يىقىلىشى - ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئارىسىدىكى كۆرۈنمەس لېنىيىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقتۇر. بۇنداق ئېغىر بىر پاجىئەنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ بىردىن بىر ئالدىنى ئېلىش يولى-مىللىي قىممەت قاراشلىرىمىزغا ۋە مەدەنىي مىراسلىرىمىزغا ھەقىقىي تۈردە ساھىب چىقىش، ئۇنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلغان ھالدا ياشاش، ياشىتىش ۋە كېلەچەك ئۈچۈن ئۇل سېلىشتۇر.

نىشان ۋە غايىمىز

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئەندىزىسىدە ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان غايە-نىشانلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىسى-كۈلتۈرىمىزنىڭ ئاساسلىق ئۇل تېشى بولغان مەدەنىيىتىمىز، تىلىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشتۇر. تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش غايىلىرىگە ئاساسەن 2017- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 4 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تىلىدا ۋايىغا يەتكەن كەسىپ ئىگىلىرى ۋە سېستىمىلىق تەربىيلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتەكچىلىكىدە قەدەممۇقەدەم تەرەققىي قىلىپ ، پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرىگە كەسىپ جەھەتتىن مۇككەممەل ، روھى جەھەتتىن ساغلام بولغان توغرا ئىدىيە ۋە پۇختا ئاساستا ئانا تىلىمىزنى ئۆگىتىش، كۈلتۈرىمىزگە ئائىت بولغان سەرخىل بىلىملەر ۋە مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىش، بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش، بۇ خىزمەتلەر ئارقىلىق كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلىدىغان ئۇيغۇر تىلى ئىنىستىتوتى ۋە ھەرخىل كەسىپلەر بويىچە تەربىيلەش ئىقتىدارىغا ئىگە كۈلتۈر مەركەزلىرىمىزنى قۇرۇش غايىمىز بىلەن خىزمەت بېرىپ كەلمەكتىمىز.

ئالاقىلىشىڭ

مەۋجۇت سىنىپلىرىمىز

ئاكتىپ داۋام قىلىۋاتقان سىنىپلىرىمىز