خەۋەرلەر

تاڭنۇرى دالا پائالىيىتى



تاڭنۇرى تەلىم- تەربىيە مەركىزىمىز 2021-يىلى 8 ـ ئاينىڭ 31-كۈنى«ئۈمرانىيە مىللەت باغچىسى» ساياھىتىنى خۇشال-خۇرام ئاخىرلاشتۇردى.

ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان ئۈچ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئەتتىگەن سائەت ئوندا زەيتىنبۇرنۇ بېكىتىدىن قوزغالدى. ئوقۇغۇچىلار يول بويى قىزغىن كەيپىيات بىلەن باغچىغا بارغاندىن كېيىنكى كۆڭۈللۈك مىنۇتلارنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتاتتى. «ئۈمرانىيە مىللەت باغچىسى» دا كەڭ كەتكەن ئېدىرلىقتا قىيغىتىپ، قۇياش نۇرىغا قانغۇچە تويۇنۇپ، بالىلىقىنىڭ ئەڭ بەختىيار مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزدى. چۈشتىن كېيىنكى تاماق ۋاقتى ۋە باغچىدىكى توز، توشقان، شاتۇتى قاتارلىق ھايۋانلارنى زىيارەت قىلىش ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ بەختىيار كۈنىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى.

قايتىش